图片-بلىمبىلىم تېخنىكا مۇنبىرى
图片-بلىمبىلىم تېخنىكا مۇنبىرى

” php ئۈگۈنۈش توغىرسىدا مەسلھەت بەرسەڭلار” غا مەسلىھەت

1684591507.jpg

نەدىن باشلاپ ئ‍ۆگۈنىمىز؟

ئاۋۋال سىز JavaScriptنى ئۆگىنىڭ، بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەب بۇ JavaScript ئۈستىدىكى HTML ،CSSكە ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا قۇنكىسىيە، ئۆزگەرگۈچى مىقدار، شەرت جۈملە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پىروگرامما تىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بىلىملەر بار، بۇ بىلىملار بارلىق پىروگرامما تىللىرىنىڭ ئاساسى، پەقەت شۇ ئىپادىلەش جەھەتتە ئازراق ئوخشىمايدۇ، php ھەم شۇنداق، بۇ جەرياندا سىزنىڭ پىروگرامما لوگىكىڭىز ئاشىدۇ، بۇلار سىزنىڭ phpنى تېخىمۇ تىز ئۈگۈنەلىشىڭىزگە پايدىسى بولىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن سىز JavaScript ئۆگىنىش جەريانىدا تەبىلا Ajax بىلەن تونۇشىسىز، بۇمۇ بەك مۇھىم بىلىم، كېيىن php دە راۋرۇس ئەزقاتىدۇ، JavaScriptنى ئۆگىنىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە Jqueryنى ئۈگۈنىسىز، بۇنى 2 كۈن ئۈگنىدىغان بولسىڭىز ئوبدانلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ كېتىسىز ھەم بۇنىڭ JavaScript تىن كۆپ ئاسان ھەم قولاي ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، (چۈشەنچە: ئەگەر JavaScriptنى ئۆگەنمىگەن بولسىڭىز ھەرگىز بۇنداق ھىسقىلمايتىڭز).
JavaScript ،Jqueryلاردىن خەۋاردار بولۇپ بولدىڭىز، ئەمدى php ئۆگىنىشنى باشلايسىز، ئۈستىدىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ بولدىڭىز php سىزگە قىيىمۇ تۇيۇلمايدۇ، تىزلا ئ‍ۈگۈنۈپ كىتىىسىز، php ئ‍ۈگەنگەنتىكىن ئ‍ەلۋەتتە MySql ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىمۇ تىزلا ئۆگىنىپ كېتىسىز.

قانداق ئ‍ۆگۈنىمىز؟

ئ‍ۈگۈنۈش يولى ئ‍ۈچ خىل بولىدۇ:كىتابتىن ئۆزى ئ‍ۈگۈنۈش، توردىن دەرسلىك كۆرۈپ ئ‍ۈگۈنۈش، تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ ئ‍ۈگۈنۈش.

سىز ئىچكىرغا بېرىپ ئ‍وقۇشقا ئىقتىساد جەھەتتە قىيلنىپ قالدىڭىز، ئەمىسە xxx شىركىتىچۇ؟ ئۆزىڭىز دەپسىز مەن قەشقەردە دەپ، مەنمۇ بۇ شىركەتنىڭ تەربىيەلەش ئېلانى كۆرگەن، ئ‍وقۇش پۇلى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3500 ،ئوقۇش مۇددىتى 40 كۈن، ئۆتىدىغان بىلىملەر HTML,Css,JavaScript,Jquery,Ajax ,PHP,MySql دەپتۇ، بۇنىڭغا يەنە سىزنىڭ 40 كۈن جەرياندىكى ياتاق تاماق پۇلىڭىز قېتىلىدۇ، ئاۋال بۇ گەپنى قۇيۇپ تۇرايلى!

ئەگەر كىتابتىن ئۆزىڭىز ئۆگەنسىڭىزچۇ؟ كىتابتىن بىرنى ئالدىڭىز كىتابتىكى ئۈلگە كودنى بىرمۇ-بىر بېسىپ چىقتىڭىز، دەسلەپتىكى كودلار توغرا ئىجرا بولۇپ ھاياجانلاندىڭىز ھەم خۇشال بولدىڭىز، ئون يىگىرمە بەت ئ‍ۈگەندىڭىز بەزى نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقنى بىلمەي قالدىڭىز، كىتابتىكىگە ئوخشاش بېسىپ چىقسىڭىزمۇ يەنە خاتالىق چىقىۋالدى، خاتالىقنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالدىڭىز، سوراي دېسىڭىز يە ئوقۇتقۇچى يوق، ئامالسىز بەيدۇ دىن ئىزدىدىڭىز، بەزىلىرىنىڭ جاۋابىمۇ چىققان بولدى، لېكىن يەنە بەزىلىرىنى تاپالمىدىڭىز، مۇشۇنداق يەنە 10دەك داۋاملاشتى، نۇرغۇن نەرسىلەر سوئال پىىتى قىلىپ قالدى، ئاستا-ئاستا زېرىكىپ بىزاربولۇشقا باشلىدىڭىز، ئاخىرى بولماي مۇشۇنىمۇ ئۆگىنەمدۇ كىشى دەپ بېشىڭىز چۆرۈپ كىتابنى سىرتقا ئاتتىڭىز. ئەمىسە بۇ گەپنىمۇ قۇيۇپ تۇرايلى!

ئ‍ەگەر توردىن دەرسلىك كۆرۈپ ئۆگەنسىڭىزچۇ؟ توردىن دەرسلىكنى تاپتىڭىز، بىرقۇتا سوغۇق ئ‍ىچىملىكىنى ئۈستەلگە تىكلەپ يەڭنى تۈرۈپ كۆرۈشنى باشلىدىڭىز، ئوقۇتقۇچى دېتالنى قانداق قاچىلاشنى، مۇھىتتنى قانداق ھازىرلاشنى بىرمۇ-بىر ئ‍ۆگەتتى، سىزمۇ ئ‍وقۇتقۇچىغا ئ‍ەگىشىپ ھەممىنى قىلالىدىڭىزھەم كۆڭلىڭىزدە ئەجەپ ئاسانكەن دەپ ئويلىدىڭىز، ھەر سائەتلىك دەرسنى ئوقۇتقۇچىغا ئ‍ەگىشىپ كودنى بېسىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كودنى ئىجرا قىلدىڭىز، ئىككى ھەپتىدە 20 قىسىم دەرسلىكنىڭ ھەممىنى تۈگەتتىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىز قول سېلىپ بىرنى ياسىماقچى بولىسز، Sublimeنى قوزغىتىپ شۇنداق باساي دەپ كۇنۇپكا تاختىسىغا قولىڭىزنى ئاپاردىڭىز، بىراق ئۆزىڭىزنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن كۆرگەن نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىىقىڭىزنى بايقايسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتە بۇرۇنقى كودنى ئاختۇرۇپ ھېلىقى يەرلىرىنى قايتىدىن كۆرىسىز، ھەم مۇشۇنى قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز، بولمىسا دەرس كۆرگەن چاغدا چۈشەنگەندەك قىلغان بولمىسا، كودنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان خاتالىق چىقتى، بەزىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ھەلقىلدىڭىز بەزىلىرى يەنە شۇ سوئال پىتىدە قالدى، مۇشۇ ئازراق داۋاملاشقاندىن كېيىن زېرىكىپ بىزار بولىسىز، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇتقۇچى دەرسنى ياخشى ئۆتەلمەيدىكەن، تولۇق ئۆتۈپ بەرمەپتۇ، بېرىپ ئىشىكىنى باقسۇنا دەپ بۇنىمۇ تاشلاپ كومپىيۇتۇرنى ئۆچۈرۈپ سىرتقا دوغ ئىچكىلى ماڭىسىز(ھاۋا بەك ئىسسىق ئەمەسما ھازىر)،بۇ گەپنىمۇ قۇيۇپ تۇرايلى!

شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بىز 3 يەكۈنگە ئېرىشتۇق.

ئۆزىمىز كىتابتىن ئۆگنسەك ئۆزىمىز بىرمۇ-بىر قول سىلىپ ئىشلەپ ئۆزىمىز ئ‍ۈگەنگەن نەرسىلەر پىششىق ئۆزلىشىدىكەن، لېكىن شۇ بەك جىق ۋاقىت كېتىدىكەن.
توردىن دەرسلىك كۆرۈپ ئۆگەنسەك تىز بولىدىكەن، لېكىن شۇ دەرس ۋاقتىدا چۈشەنگەندەك قىلغان بىلەن ئۆزىمىز قىلغاندا قىلالماي قالىدىكەنمىز.
تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ باھاس بەك قىممەتكەن، سەل ئەرزانراق چۈشىدىغان ئىشنى قىلساق بولاتتى.

ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟

ئەڭ ئاۋۋال توردىن ياخشى دەرسلىك ۋە كىتاب ۋە دەرسلىك سىتۋالىمىز، ماتېرىيال سىتۋىلىشقا جىق پۇل كەتمەيدۇ، بۇنچىلىك پۇل بىزدىن ئەلۋەتتە چىقىدۇ، ئاندىن دەرسلىكنى كۆرۈشكە باشلايمىز دەرسلىكىتىكى مەزمۇنى پەقەت ئىسىمىزدا تۇتۇپ ماڭىمىز، شۇ يوسۇندا ئاخىرغىچە كۆرۈپ چىقىمىز، بۇ دەرسلىك تۈگىگەندىن كېيىن كاللىمىزنى قاماللاپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىمىز، ئاخىردا شۇنىڭ بىلەن كاللىمىزدا ھە~~ ئەسلىدە مۇنداقراق نەرسىە ئىكەنتۇق دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ، ئەمدى دەرسلىكنى ئۆچۈرۈپ كىتابنى ئىچىپ بىرتەرەپتىن ئ‍وقۇپ بىرتەرەپتىن ئۈلگە كودنى بېسىپ ماڭىمىز، بۇجەرياندىكى ئۇچۇرغان مەسىلىلەر ۋە ئۇقۇملار سىزنىڭ كاللىڭىزدا ئاللى بۇرۇن ساقلىنىپ بولغان بولىدۇ، سىز بۇلارنى ھەل قىلىشتا ۋە چۈشۈنۈشتە قىينالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئ‍ەستە ساقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىڭىز خۇشال ھالدا ھېلىقى تەربىيەلەش ئورنىغا تۆلىمەكچى بولغان پۇلىڭىزغا ئالغان كولارىڭىزنى ئىچىپ تېخىمۇ تىز ئۆگىنىپ كىتىىسىز!

© يازما باياناتى
UISOFT.TOP
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىشنى ئۇنىتماڭ
点赞0تارتۇقلاش تارقىتىش
ئىنكاس ۋاقتىنچە ئىنكاس يوق، قېنى سىزدىن باشلانسۇن .
头像
مۇشۇ يەرگە سىزنىڭ باھايىڭىزنى يىزىڭ
يوللاش
头像

ئىسىم

بىكار قىلىش
昵称ئىپادەكودرەسىم

    请登录后查看评论内容